ھازىرغىچە فەتھۇللاھچىلارغا چېتىشلىق قانچە كىشى تۇتقۇن قىلىندى؟

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن نۇرغۇن كىشى تۇتقۇن قىلىندى.

537288
ھازىرغىچە فەتھۇللاھچىلارغا چېتىشلىق قانچە كىشى تۇتقۇن قىلىندى؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 15-ئىيۇل كېچىدىكى ھەربىي-سىياسىي ئىسياندىن كېيىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى باشلىغان تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

تەكشۈرۈشلەر دائىرىسىدە تۈركىيە مىقياسىدا 6300 ئەسكەر، 1500 سوتچى ۋە تەپتىش خادىمى، 600دىن ئارتۇق نورمال پۇقرا نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

ئەنقەرە بىلەن ئىستانبۇلدا ئەسكەر، ساقچى، سوتچى ۋە تەپتىش خادىمى بولۇپ جەمئىي 2500 كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

تۇتقۇن قىلىنغان گېنېرال ۋە ئادمىرالنىڭ سانى 119غا يەتتى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەملىكەت مىقياسىدا 246 مەمۇرىي باشلىق، 7899 ساقچى خادىمى، 614 ژاندارما ۋە ساھىل خەۋپسىزلىك قوماناندانلىقىدا خىزمەت قىلىدىغان 18 ساھىل خەۋپسىزلىك خادىمى بولۇپ جەمئىي 877  خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى 262 ھەربىي سوتچى ۋە تەپتىش خادىمىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى.

دۆلەت ئورگانلىرىدا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سانىمۇ 46000مىڭغا يەتتى. مائارىپ مىنىستىرلىقىدا 21029 ئوقۇتقۇچى بولۇپ جەمئىي 42767 خادىم خىزمەتتىن ۋاقىتلىق توختىتىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، قانۇننامە دائىرىسىدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىشلىق 35 سەھىيە ئورنى، 934 مەكتەپ، 109 ئوقۇغۇچىلار بىناسى، 104 ۋەقپە، 1125 ئاممىۋى تەشكىلات، 15 ئالىي مەكتەپ ۋە 19 ئۇيۇشما تاقىۋېتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر