15 – ئىيۇل كۈنى «شېھىتلەرنى خاتىرلەش كۈنى» بولۇپ بېكىتىلدى

ئەردوغان ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر دائىرىسىدە ھازىرغا قەدەر 10410 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە 4060 كىشىنىڭ نەزەربەنت قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

535073
15 – ئىيۇل كۈنى «شېھىتلەرنى خاتىرلەش كۈنى» بولۇپ بېكىتىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 15 – ئىيۇل دېموكراتىيە كۈرىشىنىڭ قەھرىمانلىرىنى كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ قەتئىي ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «15 – ئىيۇل كۈنىنى، شېھىتلىرىمىزنى خاتىرىلەش كۈنى قىلىپ بېكىتلكەنلىكىمىزنى ئېلان قىلىشنى خالايمەن» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدە چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ تارىختىكى ئەڭ خائىن، ئەڭ پەسكەش، 15 – ئىيۇل ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا قوراللىق ئۇرۇنۇش قىلمىشىغا قارشى كۈرەشنى قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئەردوغان تۈركىيە خەلقىنىڭ تارىخ ياراتقان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «خەلقىمگە شۇنى ئېيتىمەنكى، سىلەر دېموكراتىيەنى قوغداش نۆۋىتىدە تۇرۇشنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، تارىخقا ئالتۇن ھەرىپلەر بىلەن يازىلىدىغان بىر غەلىبىنىڭ تاجدارى بولدۇڭلار» دېدى.

ئەردوغان خەلقنىڭ يالغان خەۋەرلەرگە ئېتىبار بەرمەسلىكىنى تەكىتلەپ، «دۆلىتىمىز  جۇمھۇر رەئىسى بىلەن، تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن، ھەر قايسى مىنىستىرلىقلىرى، ئامانلىقنى ساقلاش تەشكىلاتلىرى، ۋالىي مەھكىمىلىرى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىدارلىرى بىلەن، ئەڭ مۇھىمى پۈتۈن خەلقى بىلەن بېشى ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تىك تۇرماقتا.  ھۆكۈمىتىمىز ئامانلىقنى ساقلاش كۈچلىرىمىزنىڭ يۈكسەك غەيرىتى نەتىجىسىدە ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر بىر غىرىچ يېرى ۋە ھەرقايسى ئىدارە - ئورگانلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئەھۋالدا تۇرماقتا» دېدى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنى ئىدارە – ئورگانلاردىن پۈتۈنلەي تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ پۈتۈن سۈرئەت بىلەن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن تەۋسىيە قىلىنغان، مىنىستىرلار كابېنتى تەرىپىدىن رەسمىي قارارغا ئايلاندۇرۇلغان جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش ھەرىكىتىنىڭ پارلامېنتتىمۇ تاماملانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ بىر قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشقا قارشى تەدبىرلەر دېموكراتىيە، قانۇن دۆلىتى، ئاساسلىق ئىنسانىي ھەق – ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەرگە ھۆرمەت قىلىش دائىرىسى ئىچىدە ئېلىندى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە شۇنداق قىلىشنى ئوخشاش شەكىلدە داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر دائىرىسىدە ھازىرغا قەدەر 10410 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە 4060 كىشىنىڭ نەزەربەنت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈگەن ئەردوغان، ھۆكۈمەتنىڭ ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئامانلىقنى ساقلاش كۈچلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ قەتئىيلىك بىلەن نەتىجىلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر