ئامېرىكا تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقىنى تەكرارلىدى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە سايلام بلەن ۋۇجۇتقا كەلگەن دېموكراتىك ھاكىمىيەتنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدىكى مەيدانىنى تەكرارلىدى.

534169
ئامېرىكا تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقىنى تەكرارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر ىبلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. ئاشتون كارتېر تۈركىيەدە سايلام بىلەن بارلىققا كەلگەن ھاكىمىيەتنى قوللايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.  ئۇ فىكرى ئىشىققا، تۈركىيەنىڭ ئۆزلىرىگە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشكە تۆھپە قوشۇش جەھەتتىن ئىشەنچ ئاتا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «فىكرى ئىشىق تۈركىيە دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى» دېدى.

ئىككى رەھبەرنىڭ كۆرۈشۈشىدە ئىنجىرلىك ھەربىي بازىسى مەسىلىسىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلدى. ئاشتون كارتېر  تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىقنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىنجىرلىك ھەربىي بازىسى ۋەزىيىتىنىڭ نورماللىشىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر يۇقىرىدىكى سۆزلىرىنى مارىلەند ئىشتاتىغا جايلاشقان ئاندرىيۇس ھەربىي بازىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە دائېشقا قارشى بىرلەشمە قىسىمغا ئەزا 30 دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىر يەرگە جەم بولغان يىغىندا ئېيتتى. ئۇ تۈركىيەنىڭ ناتونىڭ كۈچلۈك ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە سىياسىي ھەمدە ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ قۇرۇلما مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالدى.

ئاشتون كارتېردىن كېيىن سۆز قىلغان ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى مىشېل فوللېن تۈركىيەنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەشنى قوللىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى. ئۇ تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشكە قاتناشمىغانلىقى ياكى چەت ئەللىك جەڭچىلەرنىڭ سۈرىيەگە ئۆتۈشىگە توسقۇنلۇق قىلمىغانلىقى توغرىسىدىكى دەۋالارغا نىسبەتەن ھېچقانداق ئىسپاتنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا مەركىزىي قوراللىق قىسىملارنىڭ قوماندانى گېنېرال جوسېف ۋوتېل باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدىن ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ تۈركىيەنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەشتىكى ئەڭ مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر