ئىستانبۇلدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان يىغىن ئېچىلدى

ئىستانبۇل مابەين سارىيىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشچىلىقىدا باش مىنىستىر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن تۆت سائەتكە سوزۇلغان يىغىن ئېچىلدى.

532506
ئىستانبۇلدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان يىغىن ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن ئىستانبۇلدا  يىغىن ئاچتى. يىغىن مابەين سارىيىدا ئېچىلدى. يىغىنغا، مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇرەتتىن جانىكلى، ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغ، ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراك، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئالا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرەچى ئۆمەر چەلىك، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى گۇرۇپپا رەئىس ۋەكىلى مۇستاپا ئەلىتاش، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلھامىت گۈل ۋە باش مىنىستىرلىق مەھكىىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى فۇئات ئوكتاي قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى.

يىغىن تەخمىنەن تۆت سائەت داۋاملاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر