تۈركىيە ئامېرىكىدىن فەتھۇللاھ گۈلەننى رەسمىي تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئامېرىكىدىن 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ باش جاۋابكارى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى رەسمىي تەلەپ قىلدى.

532656
تۈركىيە ئامېرىكىدىن فەتھۇللاھ گۈلەننى رەسمىي تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ باش جاۋابكارى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا 4 ئايرىم ماتېرىيالنى يوللىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

باش مىنىستىر يىلدىرىم، «بۇ پاراللېل تەشكىلات بۇنىڭدىن كېيىن ھېچبىر بىر دۆلەت ئۈچۈن پايدىلىق بىر گۇماشتا بولالمايدۇ» دېدى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلغان باش مىنىستىر يىلدىرىم، بۈگۈن مۇستەسناسىز ھالدا ھەممە كىشىنىڭ، پۈتكۈل دۇنيانىڭ بۇلار (فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى) نىڭ قانچىلىك خەتەرلىك قوراللىق بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە ئۆزىنىڭ تېررورچى كاتىۋېشىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئامېرىكىغا چاقىرىق قىلغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن يىلدىرىم، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك 4 ماتېرىيالنى ئامېرىكا دائىرىلىرىگە يوللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىنىڭ گۈلەننى قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى ئەيىبلىگەن يىلدىرىم، «11- سېنتەبىردە قوشماق بىنالار يىقىپ تاشلانغاندا تېررورچىلارنى تەلەپ قىلغاندا دەلىل سوردۇڭلارمۇ؟ گۇانتاناموغا گۇماندارلارنى توپلىغاندا قولۇڭلاردا دەلىل بارمىدى؟ بىن لادىن ئۈچۈن دەلىل سورىماي، فەتھۇللاھ گۈلەن ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەقە ناھايىتى روشەن، پاكىتلار ئوتتۇرلۇقتا تۇرۇۋاتسا، نېمىشقا دەلىل تەلەپ قىلىشتا چىڭ تۇرغانلىقىڭلارنىڭ سەۋەبىنى سورايمەن. بۇ تەلۋىنى، بۇ خائىننى، بۇ تېررورچى كاتىۋېشىنى بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ھېمايە قىلىشتىن ۋاز كېچىڭلار. بۇنىڭ سىلەرگە پايدىسى يوق، ئىنسانىيەتكىمۇ پايدىسى يوق، ئىسلامىيەتكىمۇ پايدىسى يوق. بۇ پاراللېل تېررورلۇق تەشكىلاتى بۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق دۆلەت ئۈچۈن پايدىلىق گۇماشتا بولالمايدۇ» دېدى.

گۇرۇپپا يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغمۇ، گۈلەننىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى تەلىپىنى ئۆز ئىچىگە 4 ئايرىم ماتېرىيالنىڭ ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىغا ئېلخەت ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

15 – ئىيۇل جۈمە كېچىسى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى تېررورچىلىرىنىڭ قانلىق ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىدىن كېيىن، ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى ئىككى قاناتتىن ئاساسىي تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا باش گۇماندارنىڭ فەتھۇللاھ ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر