ئىنجىرلىك ھاۋا ئارمىيەسى بازىسى قايتىدىن خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى

15 – ئىيۇل ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىدىن كېيىن تاقىۋېتىلگەن ئىنجىرلىك ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئېچىلدى.

531322
ئىنجىرلىك ھاۋا ئارمىيەسى بازىسى قايتىدىن خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پېتېر كۇك بايانات بېرىپ، «تۈرك ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن يېقىن كوردىناتسىيەدىن كېيىن، تۈركىيەدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەر قايتىدىن باشلىدى» دېدى.

تۈنۈگۈن ئىنجىرلىك بازىسىدىكى قونۇش – ئۇچۇشلارنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقى ۋە توكنىڭمۇ توختىتىۋېتىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر