تۈركىيە ئەدلىيە تارماقلىرىدا تازىلاش ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى، بىر تۈركۈم ئەسكەرلەرنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ھەرىكىتىدىن كېيىن ئەدلىيە ساھەسىدە تازىلاش ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى.

531119
تۈركىيە ئەدلىيە تارماقلىرىدا تازىلاش ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 15 – ئىيۇل ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىدىن كېيىن ئەدلىيە تارماقلىرى ئارىسىدا باشلانغان زور كۆلەملىك تازىلاش ھەرىكىتى دائىرىسىدە 2745 سوتچى ۋە تەپتىشنىڭ خىزمىتىگە خاتىمە بېرىلدى، يۇقىرى سوتنىڭ 140، دۆلەت كېڭىشى مەھكىمىسىنىڭ 48 ئەزاسى ئۈستىدىن نازارەتكە ئېلىش بۇيرۇقى چىقىرىلدى.

سوتچىلار ۋە تەپتىشلەر ئالىي ئورگىنىنىڭ 5 ئەزاسىنىڭ ئەزالىقىغا خاتىمە بېرىلدى ۋە مەزكۇر 5 كىشىنىڭ تۆتى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ ئەزالىرىدىن ئالپئارسلان ئالتان بىلەن ئەرجان تەرجان نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن سوتچىلار ۋە تەپتىشلەر ئالىي ئورگىنى بارلىق سوتچى ۋە تەپتىشلەرنىڭ دەم ئېلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇردى؛ ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىمۇ تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقۇچە توڭلىتىپ قويۇلدى.

سوتچى ۋە تەپتىشلەر ئىچىدىنمۇ 400 كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر