34 گېنېرال ۋە 3 مىڭغا يېقىن ئەسكەر نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى دائىرىسىدە تۈركىيە ئارمىيەسى سېپىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 34 گېنېرال ۋە 3 مىڭغا يېقىن ئەسكەر نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

531062
34 گېنېرال ۋە 3 مىڭغا يېقىن ئەسكەر نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلار ئىچىدىكى ھەربىي ئۇنۋانى ئەڭ يۇقىرى كىشى ئىككىنچى ئوردۇ قوماندانى گېنېرال – پولكوۋنىك ئادەم ھۇدۇتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالىي ھەربىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، سابىق ھاۋا ئارمىيە قوماندانى گېنېرال – پولكوۋنىك ئاكىن ئۆزتۈركمۇ ‹ۋەتەنگە خىيانەت قىلىش› بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلاندى.

ئىككىنچى ئوردۇ ئىشتاب باشلىقى ۋە مالاتيا گارنىزون قوماندانى مايۇر گېنېرال ئاۋنى ئانگۇن بىلەن ئىككىنچى ئوردۇدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىككى برىگادا گېنېرالى مالاتيادا نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

بۇرسادا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئۈچىنچى قولئوردۇ قوماندانى لېيتېنانت گېنېرال ئەردال ئۆزتۈرك ئىستانبۇلغا ئېلىپ كېلىندى.

تەكشۈرۈش دائىرىسىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئەغىردىر تاغ قوماندانلىق مەكتىپى ۋە تەلىم – تەربىيە مەركىزى قوماندانى مايۇر گېنېرال مەتىن ئاككايا بىلەن ئىسپارتا گارنىزون قوماندانى برىگادا گېنېرالى مۇستاپا قۇرۇتماز ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى قورال كۈچى بىلەن ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى.

بالىكەسىر گارنىزون قوماندانى مايۇر گېنېرال ئاھمەت ئاقيۈرەك، ئەگە ئوردۇ قوماندانى ئىشتاب باشلىقى مايۇر گېنېرال مەمدۇھ ئاقبىلەن، جەڭچى ھاۋا كۈچلىرى ۋە ھاۋا باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە قوماندانلىقىنىڭ ئىشتاب باشلىقى ئۇچقۇچى مايۇر گېنېرال سۇئات مۇرات سەمىز قاتارلىقلارمۇ نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلارنىڭ يەنە بىرى شانلىئۇرفا برىگادا قوماندانى برىگادا گېنېرالى مەتىن ئالىپجاندۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر