بەششار ئەسەد بىلەن دائېش ھەرئىككىسى يوقىلىشى لازىم

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنى يوقىتىش ئۈچۈن يەنە بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن پايدىلىنىشقا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

529045
بەششار ئەسەد بىلەن دائېش ھەرئىككىسى يوقىلىشى لازىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ب ب س (BBC) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قولچۇماقچىسى پ ي د نى قوللاۋاتقان دۆلەتلەرگە خىتاب قىلىپ: «مەلۇم تېررورلۇق تەشكىلاتىنى يوقىتىش ئۈچۈن يەنە بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن پايدىلىنىشقا بولمايدۇ. ئەگەر بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن يەنە بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنى يوقىش ئۈچۈن پايدىلانساڭلار، ئاخىرى كېلىپ ئۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى بېشىڭلارغا بالا بولىدۇ» دېدى. ئۇ سۈرىيەدە ئۆزگىرىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «500 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، يەنى ھېچقانداق گۇناھى بولمىغان كىشىلەر ئۆلدى» دېدى ۋە سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇنىڭ بەششار ئەسەد ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنى يوقىتىشمۇ بەششار ئەسەد بولمىغان بىر ھاكىمىيەت ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ: «بىر تەرەپتە بەششار ئەسەد بار، يەنە بىر تەرەپتە دائېش بار، بەششار ئەسەدنى تاللايلىمۇ ياكى دائېشنى تاللايلىمۇ دەپ سورىسڭىز، بىز ھەرئىككىسىنى تاللىمايمىز. ھەرئىككىسى يوقىلىشى لازىم» دېدى.

ئۇ بارلىق قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقلىرىنى ۋە بۇ توغرىدا خىزمەتلەرنى باشلىۋەتكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئىسىرائىلىيە ۋە رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تۈزەتتۇق، ئەمدى نۆۋەتتە باشقا دۆلەتلەر بار. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، داۋاملىق دوستلىرىمىزنى كۆپەيتىمىز، دۈشمەنلىرىمىزنى ئازايتىمىز.»     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر