ئەردوغان ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە چولپانلار بىلەن مۇسابىقىغا چۈشىدۇ

ئانتاليا شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى مەندېرېس تۈرەل ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

526369
ئەردوغان ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە چولپانلار بىلەن مۇسابىقىغا چۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان مېسسى بىلەن بىرلىكتە مەيدانغا چۈشىدىغان بولدى.

ئانتالياسىپور كوماندىسىنىڭ كامېرونلۇق پۇتبول چۆلپىنى سامېئول ئېتونىڭ نامىغا قۇرۇلغان بىر فوندى جەمئىيەتنىڭ ئافرىقىلىق بالىلار ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرغان ۋە دۇنيادىكى ئاتاقلىق پوتبول چولپانلىرى توپ ئوينايدىغان مۇسابىقىغا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ دەۋەت قىلىندى.

ئانتاليا شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى مەندېرېس تۈرەل ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئانتاليا شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى مەندېرېس تۈرەل: «ئانتاليا تەنتەربىيە زالىنىڭ چىملىقىدا مېسسىنىڭ يېنىدا باشقا بىر دۇنيا چولپىنى ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ پۇتبول ئوينايدۇ. تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز ھۆرمەتلىك مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن مەنمۇ تەنتەربىيە كېيىمىمىزنى كېيىمىز. 16 – ئىيۇل كۈنى سائەت 20:45 ئۆتكەندە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىغا بارلىق خەلقىمىزنى دەۋەت قىلىمىز» دېدى.

مۇسابىقە 16 – ئىيۇل كۈنى ئانتاليا تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مۇسابىقىدا مارادونا، مېسسى، نەيمار، سۇرېز، ئەدەن ھازارد، مىچەل ئەسسېن، ئىكساۋى، جايجاي ئوكوچا، پېررې ئەمېرىك، ئۇبامېياڭ، ئىنېستا ۋە ئەردا تۇران قاتارلىق ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە پۇتبول چولپانلىرى توپ ئوينايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر