ئەردوغان بىلەن پورشېنكو پولشادا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پولشانىڭ پايتەختى ۋارشوۋادا ئۇكرائىنا پىرىزېدېنتى بىلەن كۆرۈشتى.

525752
ئەردوغان بىلەن پورشېنكو پولشادا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۈچۈن يېتىپ بارغان پولشانىڭ پايتەختى پارشوۋادا ئۇكرائىنا پىرىزېدېنتى پېترو پورشېنكو بىلەن كۆرۈشتى.

ئەردوغاننىڭ پوروشېنكو بىلەن رېگېنت مېھمانخانىسىدىكى مەتبۇئاتقا يېپىق سۆھبىتى بىر سائەت داۋاملاشتى.

كۆرۈشۈشكە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، دۆلەت ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ھاكان فىدان، پىرىزېدېنتلىق سارىيى مۇئاۋىن باش كاتىپ ۋە باياناتچى ئىبراھىم كالىنمۇ قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر