ئەردوغان بىلەن پۇتىن بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ياكى ئاۋغۇست ئېيىنىڭ بېشىدا كۆرۈشىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ياكى ئاۋغۇست ئېيىنىڭ بېشىدا ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

523321
ئەردوغان بىلەن پۇتىن بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ياكى ئاۋغۇست ئېيىنىڭ بېشىدا كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرىزېدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ بۇ ئاينىڭ ئاخىرى ياكى ئاۋغۇست ئېيىنىڭ بېشىدا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ت ر ت تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ، تاشقى سىياسەتتە ھەممە تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە تەپسىلىي توختالدى.

چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا مۇھىم بىر مېخانىزمىنىڭ قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى. تۈركىيە-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىمۇ چاۋۇشئوغلۇنىڭ كۈنتەرتىپىدە بار ئىدى. چاۋۇشئوغلۇ تەبىئى گاز كېلىشىمى توغرۇلۇق تارقالغان قاراشلار ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەم تەبىئىي بايلىقلىرىمىزنى خىلمۇ خىللاشتۇرۇش نۇقتىسىدىن ھەم كۆۋرۈكلۈك دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كىرىم قىلىش نۇقتىسىدىن مۇشۇنداق بىر ھەمكارلىققا ھەر قانداق ۋاقىتتا ئىجابىي قارايمىز.»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇۋ چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ۋىزا بەلگىلىمىسىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ۋىزا بەلگىلىمىسىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا مۇھىم يىغىن چاقىردۇق، ئالدىمىزدا بىر يول خەرىتىسى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈشىمىز مۇمكىن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر