تۈركىيە-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورمالشىشى نېمىدىن دېرەك بولىدۇ؟

جۇمھۇر رەئىسلىك ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىننىڭ تۈركىيە-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورمالىشىشى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان ئانالىزى توغرىسىدا-1

522729
تۈركىيە-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورمالشىشى نېمىدىن دېرەك بولىدۇ؟

بۇ ھەپتە تۈركىيەنىڭ ھەم ئىسرائىلىيە ھەمدە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىدىغان ئىككى تارىخىي دىپلوماتىك تىرىشچانلىقىغا سەھنە بولدى، ۋاقت بۇ ئىككى كېلىشىمنىڭ رايونغا ئىجابىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

تۈركىيە بۇ ھەپتە ئىسرائىلىيە ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم قەدەملەرنى تاشلىدى. بۇ زور تەرەققىياتنىڭ تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى، رايونلۇق تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن مۇھىم تەسىرلىرى بولىدۇ. بۇ تەرەققىياتنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان پەلەستىن، سۈرىيە مەسىلىسى، دائېش ۋە پ ك ك غا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشلەرگىمۇ ئىجابىي پايدىسى بولىدۇ.

ئالتە يىلغا يېقىن داۋاملاشقان مۇزاكىرە مۇساپىسىدىن كېيىن، تۈرك ۋە ئىسرائىلىيەلىك ئالاقىدار خادىملار تۈركىيە ۋە ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن 2016-يىلى 29-ئىيۇندا كېلىشىم ئىمزالاشتى. تۈركىيە نۇقتىسىدىن بۇ كېلىشىم ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى شەرتلەرنى ئادا قىلىدىغان بولۇپ، ماۋى مارمارا پاراخوتىغا ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇم قوزغىشى ئەسناسىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئۈچۈن تۆلەم پۇلى ۋە غەززە ئۈستىدىكى مۇھاسىرلارنى بېكار قىلىشتىن ئىبارەت. باش مىنىستىر بۇنيامىن نېتانياھۇ 2013-يىلى ئامېرىكا پىرىزېدېنتى باراك ئوبامانىڭ ھۇزۇرىدا تېلېفوندا رەجەپ تاييىپ ئەردوغاندىن كەچۈرۈم سورىغانىدى.

نورمالىشىش كېلىشىمى دائىرىسىدە گىئوپولىتىك ئەھمىيىتى يۇقىرى بولغان ئىككى مۇھىم ساھەدە مۇنداق يېڭى سەھىپە ئېچىلىدۇ: تۈركىيە-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە غەززەنىڭ ۋەزىيىتى. تەرەپلەر ئەلچى ئەۋەتىشنى باشلىدى، ئىقتىسادىي ۋە ساياھەت مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن تەڭشەش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشتى. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى پائالىيەتلەرگە شاھىت بولىمىز.

يەنە بىر مۇھىم ئۆزگىرىش بولسا، بۇ كېلىشىم تۈرتكىسىدە تۈركىيەگە ئىنسانىي ياردەم بۇيۇملىرى ئۈچۈن رۇخسەت قىلىنىشى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە غەززەدە مەيدانغا كېلىدىغان بولغۇسى يېڭى ئۆزگىرىشلەردۇر. ئەسلىدە غەززلىكلەرگە روزا ھېيت ئۈچۈن ئەۋەتىلىدىغان تۇنجى ياردەم پاراخوتى ئاشدود پورتىغا بېرىش ئۈچۈن ئاللىبۇرۇن يولغا چىقىپ بولدى.

بۇنىڭغا قوشۇمچە ھالدا، ئىسرائىلىيە دائىرلىرى ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە غەززەدىكى تۇرمۇش شارائىتلىرىنى ياخشىلاشتۇرۇش ئۈچۈن ۋەدە بەرگەن بولۇپ، تۈركىيە بۇ ئەھۋالنى ياخشى پۇرسەت دەپ قارىدى. دەسلەپ ئىش غەززەلىكلەرگە كۈندە بېرىلىدىغان توك ۋە سۇ مىقدارىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى بىلەن باشلىنىدۇ. چەكلىك توك ۋە سۇ غەززەدە سەھىيەدىن يېزا-ئىگىلىككىچە بولۇپ ھەممە ساھەگە زور تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان مەسىلىدۇر. سۇ ۋە توك ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تۈزەش ئۈچۈن تېخنىكا مۇتەخەسسلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت غەززەگە بېرىپ، جىددىي خىزمەتكە كىرىشىپ كېتىدۇ. شۇنداقلا تۈركىيە داۋامىشىۋاتقان لايىھەلىرىنى غەززە دوختۇرخانىسى ۋە غەززە ھۇجۇملىرىدا ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلار ئۈچۈن سالغان كوللىكتېپ قونالغۇلارغا ئوخشاش لايىھەلەرنى تاماملايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر