تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى بىتچىت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، تېررورچىلارنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى نىشانلىرىنى غەلىبىلىك يوقىتىپ تاشلىدى.

521348
تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى بىتچىت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، تېررورچىلارنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئاۋاشىن ۋە خاكۇرك رايونىدىكى 6 نىشانىنى بىتچىت قىلدى.

ۋەزىپىلىرىنى غەلىبىلىك ھالدا ئورۇندىغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىخەتەر ھالەتتە بازىلىرىغا قايتىپ كەلدى.

بۇ جەرياندا، 2016 – يىلى 29- ئىيۇندا تاپشۇرۇپ ئېلىنغان دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇچۇرى ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىنغاندىن كېيىن، شەمدىنلى تاغلىق رايونىدىمۇ ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى. رايوندىكى ئالدىن بېكىتىلگەن ئىككى نىشان يوقىتىپ تاشلاندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، باش قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 2016 – يىلى 25 – ئىيۇندا سۈرىيە چېگراسىدا قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان ئىككى كىشىنىڭ بارلىق ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قارىماي قاچقانلىقى ئۈچۈن، مۇداخىلە قىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى. بىر تەرەپ قىلىنغان مەزكۇر كىشىلەرنىڭ سۈرىيە پۇقراسى ئىكەنلىكى ۋە دائېش تەرەپدارى ئىككى كىشى بىلەن ئالاقە ئورناتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر