ئەردوغان ئىسىرائىلىيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە – ئىسىرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمنى پەلەستىن بىلەن مەسلىھەتلەشكەن ھالدا تۈزگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

519762
ئەردوغان ئىسىرائىلىيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدە ئۇششاق سودا – تىجارەتچىلەر ۋە خەلق ئاممىسى بىلەن ئىپتار زىياپىتىدە بىر يەرگە جەم بولدى. ئۇ ئىپتار زىياپىتىدە قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە بىلەن ئىسىرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم ئۈستىدە توختىلىپ: «تۈنۈگۈن (26 – ئىيۇن) ھۆرمەتلىك ئابباس بىلەن، جۈمە كۈنى ھۆرمەتلىك خالىد مەشئەل بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ قەدەملەرنى باستۇق. ئابباس بىلەن خالىد مەشئەل بۇ ئۆزگىرىشلەرگە ئىنتايىن يۇقىرى باھا بەردى، بىزمۇ يولىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق» دېدى.

ئۇ: «بىز بۈگۈنگىچە پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىغا خىلاپلىق قىلىدىغان ياكى ماۋى مارمارا شېھىتلىرىنىڭ روھىنى خۈنۈكلەشتۈرىدىغان ھەرقانداق شەرت ۋە مەجبۇرلاشلارنى قوبۇل قىلمىدۇق، ھەم قوبۇل قىلمايمىز. غەززەدىكى پەلەستىن خەلقىنى راھەت نەپەس ئالدۇرىدىغان ۋە ئۇزۇن يىللاردىن بىرى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان قىيىنچىلىقلىرىنى تۈزىتىدىغان قەدەملەرنى تېز سۈرئەتتە باسىمىز» دېدى.

ئۇ جۈمە (1 – ئىيۇل) كۈنى تۇنجى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پاراخوتىنىڭ يولغا چىقىپ، ئاشدود پورتىغا يېتىپ بارىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ غەززەگە يەتكۈزۈلگەندە پەلەستىن خەلقى ئۈچۈن ئىككىنچى بايرام بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تۈركىيە بىلەن – ئىسىرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم بىلەن، غەززەگە ھەر تۈرلۈك ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «غەززە خەلقىنىڭ يېمەك – ئىچمەك، تۇرالغۇ قاتارلىق ھەرتۈرلۈك ئېھتىياجلىرى تۈركىيەنىڭ ۋاستىچىلىق قىلىشى بىلەن قامدىلىدۇ. روزا ھېيتتىن بۇرۇن 14 مىڭ توننا يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك ۋە ئاياغ قاتارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ئەشيالارنى مەرسىندىن غەززەگە ئەۋەتىمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە بىلەن ئايروپىلان كىرىزىسى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققان سوغۇقچىلىقلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن قەدەم باسقانلىقلىرى ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى قايتىدىن ياخشىلاش مەقسىتىدە ئەۋەتكەن مەكتۇبىم بىلەن ھاسىل قىلىنغان پىكىر بىرلىكىنىڭ، ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن خەيرىلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ھۆرمەتلىك پۇتىنغا ئەۋەتكەن مەكتۇپتا، ئۇنىڭغا يۈز بەرگەن ھادىسىدىن كۆپ قايغۇرغانلىقىمىزنى بىلدۈردۈم، ھەمدە كەڭ ساھەلەر بويىچە ئورنىتالايدىغان ھەمكارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتۈم. ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ زىيىنىغا بولغان ھازىرقى مەۋجۇت ئەھۋالنى بالدۇرراق ئارقىدا قالدۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تېزلىكتە نورماللاشتۇرىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر