ئەردوغان ئابباسقا مەلۇمات بەردى

ھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسقا تېلېفون ئېلىپ، تۈركىيە - ئىسرائىلىيە كېلىشىمى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

518975
ئەردوغان ئابباسقا مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسقا تېلېفون ئېلىپ، تۈركىيە – ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش يولىدىكى مۇزكىرىلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بۇ جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەرگە يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئەردوغان بىلەن ئابباسنىڭ پەلەستىنلىكلەر ئارا يارىشىش ھاسىل قىلىش مەسىلىسىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ئۆزگىرىش توغرىسىدا ئالاقىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش بويىچە بىرلىك ھاسىل قىلىندى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدا پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ سىياسىي بىيورۇسى باشلىقى خالىد مەشئەلنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇنىڭغا ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر