ئەردوغان چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئايروپىلاندىكى رۇس ئۇچقۇچى ئۈچۈن قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋىلادىمىرپۇتىنغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ رۇس ئۇچقۇچىسى ئۈچۈن قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

519368
ئەردوغان چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئايروپىلاندىكى رۇس ئۇچقۇچى ئۈچۈن قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقى ئۈچۈن 2015 – يىلى 24 – نويابىردا ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن رۇس ئايروپىلانى ئۇچقۇچىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رۇس لىدېر ۋىلادىمىر پۇتىنغا يوللىغان تەزىيە مەكتۇپى توغرىسىدا بايانات بېرىپ، ئەردوغاننىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا مەكتۇپ يوللاپ، رۇس ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «ھاياتىدىن ئايرىلغان رۇس ئۇچقۇچىنىڭ ئائىلىسىگە يەنە بىر قېتىم ئازابلىرىغا ئورتاقلىشىدىغانلىقىمنى ئەسكەرتىشنى ۋە تەزىيە بىلدۈرۈشنى خالايمەن؛ ئۇلارنىڭ ئەيىبكە بۇيرىماسلىقىنى سورايمەن» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر