«جامائەت ئەربابلىرى بىزنىڭ ۋەكىللىرىمىز بولىدۇ»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جامائەت ئەربابلىرىنىڭ تۈركىيە خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

517556
«جامائەت ئەربابلىرى بىزنىڭ ۋەكىللىرىمىز بولىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان جامائەت ئەربابلىرىغا خىتاب قىلغاندا مۇنداق دېدى: «تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە ئۇنىڭ قۇيرۇقچىلىرىنىڭ ئەپتى – بەشىرىسىنى خەلقىمىزگە ھەمىشە ئېچىپ تاشلىشىمىز لازىم. سىلەر بىزگە ۋەكىللىك قىلىسىلەر، شۇڭا ئۆزۈڭلار ۋەكىللىك قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىڭلارغا بۇ مەسىلىنى تولۇق چۈشەندۈرۈشۈڭلار كېرەك. دۆلىتىمىز ۋە رايونىمىز ئۆزىنىڭ تارىخى ۋە تېررېتورىيەسىگە يات باشقا لايىھەلەرنىڭ مەھسۇلى بولغان بۇ مەخلۇقلاردىن چوقۇم قۇتۇلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر