تۈركىيە، ئىسرائىلىيە ۋە رۇسىيەگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا روشەن ئىپادە بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدا تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيە ۋە رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

516648
تۈركىيە، ئىسرائىلىيە ۋە رۇسىيەگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا روشەن ئىپادە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە – ئىسرائىلىيە سۆھبەتلىرى توغرىسىدا مۇھىم سۆزلەرنى قىلغان ئىبراھىم كالىن، غەززەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگونىڭ بىكار قىلىنىشى مەسىلىسىدە ئىسرائىلىيە بىلەن مۇئەييەن بىر نۇقتىغا كېلىنگەنلىكىنى ۋە ياردەملەرنىڭ غەززەگە توسالغۇسىز يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «ھاماسنىڭ ئىستانبۇلدا بىر ئىشخانىسى يوق. بۇنداق بىر ھەربىي بازىسى يوق. تەربىيە ئىمىش، ھەربىي كوئوردىناتلار ئىمىش... بۇنداق بىر نەرسە قەتئىي مەۋجۇت ئەمەس. ھاماس بىلەن كۆرۈشۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز. پەلەستىن دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز. مەھمۇد ئابباس بىلەن كۆرۈشۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئىبراھىم كالىن، تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، چېگراغا تاجاۋۇز قىلغانلىقى ئۈچۈن چۈشۈرۈۋېتىلگەن رۇس ئۇرۇش ئايروپىلانى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ كەچۈرۈم سورىشى ۋە تۆلەم تۆلىشى دېگەندەك ئىشلارنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، ھازىرغىچە تۈركىيەنىڭ بەششار ئەسەد مەسىلىسىگە ئالاقىدار پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى، ئەسەد ئۇ يەردە تۇرىدىغانلا بولسا ئىچكى ئۇرۇشنىڭ تۈگىمەيدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

بەزى دۆلەتلەرنىڭ سۈرىيە سىياسىتىنى PYD تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىگە تەسىس قىلىشىنىڭمۇ توغرا ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن كالىن، «ئالاھىدە تەكىتلەيمەن، تۈركىيەنىڭ PYD مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى كوردلارغا قارىتىلغان بىر پوزىتسىيە ئەمەس. سۈرىيەدە ياشايدىغان كوردلارغا كىملىك بېرىلىشى ئۈچۈن ئەسەد بىلەن كۆرۈشكەن كىشى ئەردوغاندۇر. ئۇلار سۈرىيە كوردلىرىغا PYD كىملىكى كىيگۈزۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ ئۇلارغا قىلىنغان ئەڭ ئېغىر ناھەقچىلىكتۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر