ئەردوغان ياۋروپانى تەنقىد قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا پارلامېنتىغا خىتاب قىلىپ: «سىلەر بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللاش ئارقىلىق قەيەرگە سىگنال بەرمەكچى بولۇۋاتىسىلەر؟» دېدى.

512575
ئەردوغان ياۋروپانى تەنقىد قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان دۆلەت مۇداپىئەسى ئورگىنىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى بىلەن ئىپتار زىياپىتىدە بىر يەرگە جەم بولدى.

ياۋروپا پارلامېنتى بىناسىنىڭ كارىدورلىرىغا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ بايرىقى ئېسىلىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئەردوغان نۆۋىتى كەلگەندە تۈركىيە خەلقىنىڭ بۇنىڭ جاۋابكارلىرىدىن چوقۇم ھېساب ئالىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى، تۈركىيە ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتلىرىگە زىيان يەتكۈزۈشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسى دەپ بىلىدىغان بۇ خىيانەت شايكىلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈركىيەگە قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى، پاراللېل دۆلەت تەشكىلاتى ۋە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ھەمدە ئۇنىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى بولغان ي پ گ نىڭ ئەرمەنى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئىچقويۇن - تاشقويۇن بولۇپ كەتكەنلىكىنى، پ ك ك نىڭ ھەرقايسى ناھىيەلەردە، مەھەللىلەردە تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغاندا رايون خەلقىنىڭ تېررورىستلارنى ئەمەس، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى قوللىغانلىىنى، چۈنكى تېررورىستلارنىڭ خەلقنىڭ مال – مۈلۈكلىرى ۋە ئەزىز جانلىرىغا قىلچە ھۆرمەت قىلمىغانلىقىنى تەكىتلىدى، ساقچىلار بىلەن دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ تېررورىستلاردىن جاق تويۇپ كەتكەن كەڭ خەلق ئاممىسىغا خۇددى ئۆز ئائىلىسىدەك ئىللىق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان مەسۇم ئىنسانلارنى قوغداش ئۈچۈن ھېچنېمىسىنى ئايىماي كېچە – كۈندۈز كۈرەش قىلىۋاتقان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ بۇ پوزىتسىيەنىڭ رايون خەلقىنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن، خەلقنىڭ تېررورىستلاردىن سەسكىنىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى چىن دىلىدىن سۆيۈش ۋە قىزغىن قوللاشقا باشلىغانلىقىنى قەيت قىلدى، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئوخشاش بېسىم، زوراۋانلىق، قان تۆكۈش ۋە ئۇنى قوللاۋاتقان پارتىيەنىڭ يالغان – ياۋىداقلىرى ۋە زەھەر تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان تىلى بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە سۆيگۈ تىلى بىلەن ئورنىتىلغان بۇ دوستانە مۇناسىۋەتنىڭ رايوندا يېڭى بىر دەۋرنىڭ خەۋەرچىسى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر