تۈركىيە ئەسكەرلىرى 10 ئايدا 7078 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

قولغا ئېلىنغان تېررورچىلارنىڭ سانى 731 گە ۋە تەسلىم بولغان تېررورچىلارنىڭ سانى 214 كە يەتتى.

496618
تۈركىيە ئەسكەرلىرى 10 ئايدا 7078 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەردە يېقىنقى 10 ئاي ئىچىدە ئىراقنىڭ شىمالىنىمۇ قوشقاندا، جەمئىي 7078 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

دۆلەت ئىچىدىكى ھەرىكەتلەردە 2015 – يىلى 24 – ئىيۇلدىن بۇيان 2583 تېررورچى ئۆلۈك ھالدا ۋە 1090 تېرورچى يارىدار بولغان ھالدا قولغا چۈشۈرۈلدى.

قولغا ئېلىنغان تېررورچىلارنىڭ سانى 731 گە ۋە تەسلىم بولغان تېررورچىلارنىڭ سانى 214 كە يەتتى.

ئىراقنىڭ شىمالىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدىمۇ 2015 – يىلىدا 1335 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى. 310 تېررورچى يارىدار بولدى. 2016 – يىلىدا بولسا، 1031 تېررورچى ئۆلۈك ھالدا ۋە 328 تېررورچى يارىدار بولغان ھالدا قولغا چۈشۈرۈلدى.

بۇ مەزگلىدە يەنە دۆلەت سىرتىدا تەسلىم بولغان تېررورچىلانىڭ سانى 437 گە چىقتى.

10 ئاي ئىچىدە 296 ئەسكەر، 178 نەپەر ساقچى ۋە 9 نەپەر ۋاقىتلىق يېزا قوغدىغۇچىسى  شېھىت بولدى.

بۇ جەرياندا يەنە 1568 ئەسكەر، 1257 نەپەر ساقچى، 34 نەپەر ۋاقىتلىق يېزا قوغدىغۇچىسى بولۇپ، جەمئىي 2859 نەپەر ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى يارىدار بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر