ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانىغا ھېچكىم توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانى ۋە قەتئىي ئىرادىسىگە ھېچكىمنىڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقى ھەم توسقۇنلۇق قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

461844
ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانىغا ھېچكىم توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياردو بىخەتەرلىكى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا كەتكەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋاشىنگىتوندىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېرىنى قوبۇل قىلدى.

ۋاشىنگىتوندىكى تۈركىيە باش ئەلچىخانىسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشنىڭ تەپسىلاتى توغرۇلۇق ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى. ئۇچرىشىشقا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىسى فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇ، دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئورگىنىنىڭ باشلىقى ھاقان فىدان، تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگىتون باش ئەلچىسى سەردار قىلىچ، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مۇئاۋىن باش كاتىپى ئىبراھىم قالىن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ دائېشقا قارشى كۈرەش ئالاھىدە ۋەكىلى برېت مەگورك، ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىكتورىئە نۇلەند قاتارلىقلار قاتناشتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇ ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن مۇسەۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنىمۇ قوبۇل قىلدى. ئۇچرىشىشتا تۈركىيە ۋە بېلگىيەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش، تۈركىيە – مۇسەۋىيلەر مۇناسىۋەتلىرى، ئامېرىكا – ئىسرائىلىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى، پەلەستىننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى، مۇساپىرلار مەسىلىسى، ئانتىسېمىتىزم ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. غەرب ئەللىرىدە ئىرقچىلىقنىڭ بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان: «تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئانتىسېمىتىك، ئىسلام ۋە چەت ئەل دۈشمىنى ئېقىملار سىياسەتنىڭ ئەتراپىدىن مەركىزىگە يەرلىشىۋاتىدۇ. ئۇلارغا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىشىمىز لازىم» دېدى. مۇسەۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قۇددۇستىكى ھەرەمنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنىڭ تەتۈر تەشۋىقات ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەندە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ قولىدىكى ئاخباراتلارنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، مۇسەۋىي ۋەكىللەرگە رەددىيە بەردى. بۇ ئارىلىقتا، مۇسەۋىي ۋەكىللەر تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە يارىلانغان ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىنى يۆتكەش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئۈچۈن تۈركىيەگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان دۇنياغا داڭلىق شىركەتلەرنىڭ خوجايىنلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى – تۈركىيە سېلىنما ۋە تونۇشتۇرۇش ئورگىنى تەرىپىدىن بېرىلگەن زىياپەتتە ئىشتىراكچىلارغا خىتاب قىلدى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە كارخانىچىلارنى تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «ھازىرغىچە دۆلىتىمىزگە مەبلەغ سېلىپ پۇشايمان قىلغانلار ھېچ كۆرۈلمىدى.» رايوننىڭ نۆۋەتتىكى قالايمىقان ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغان ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بىراق بۇ تۈركىيەنىڭ نىشانى ۋە قەتئىي ئىرادىسىگە ھەرگىزمۇ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ ھەم توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ. تېررورنىڭ دېموكراتىيەمىزگە، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىمىزغا ۋە جەمئىيەت تەرتىپىمىزگە زىيان يەتكۈزۈشىگە ئەسلا يول قويمايمىز. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالىنىشى پىلانلىنىۋاتقان ترانسئاتلانتىك كېلىشىمى مەسىلىسىدە تۈركىيە سىرتتا قالدۇرۇلماسلىقى كېرەك. دۆلىتىمىز دۇچ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ھەقسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلىشنى ئارزۇ قىلىمىز، بۇ ھەقتە ۋەدە بېرىشكىمۇ تەييارمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر