داۋۇتئوغلۇ: رۇسىيە سۈرىيەدە چېچىنىيە تاكىكىسىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ مىنناك ئايرودۇرۇمىنىڭ تۈركىيەگە ياكى مۆتىدىل ئۆكتىچىلەرگە قارشى ئىشلىتىلىشىگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

433014
داۋۇتئوغلۇ: رۇسىيە سۈرىيەدە چېچىنىيە تاكىكىسىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ مىنناك ئايرودۇرۇمىنىڭ تۈركىيەگە ياكى مۆتىدىل ئۆكتىچىلەرگە قارشى ئىشلىتىلىشىگە رۇخسەت قىلالمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «ي پ گ چېكىنمىسە، ئۇ يەرنى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويىمىز» دېدى.

باش مىنىستىر ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ رۇسىيەنىڭ پىچكىسى بولۇۋاتقان ي پ گ ياكى پ ي د تېررورچىلىرى ئازىز رايونىغا ھۇجۇم قىلىپ، تۈركىيەگە كۆچمەنلەرنىڭ ئېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، بۇنىڭغا قەتئىيلىك بىلەن قارشىلىق بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ دۇنيانىڭ كۆزى سۈرىيەگە مەركەزلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇكرائىنانى زىيارەت قىلدى. ئۇ ئايروپىلاندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ: «ي پ گ ئازىز رايونىغا يېقىنلاشماسلىقى لازىم، ئازىزنى ي پ گ نىڭ ئىگەللىۋېلىشىغا يول قويمايمىز» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشى توغرىسىدا ھېچقانداق ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسى سۈرىيەدىكى تىنچلىق مۇساپىسىغا پايدىلىقتۇر» دېدى. ئۇ رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە چېچىنىيەگە ئىشلەتكەن تاكتىكىسىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «ئازىز ۋە ئەتراپىدا بىرمۇ دائېش ئەزاسى يوق» دېدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ مەقسەتلىك ھالدا «3 – دۇنيا ئۇرۇشى يۈز بېرىدۇ» دېگەن چۈشەنچىنى كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە: «بىرسىنىڭ ئۇرۇش لوبىسى شەكىللەندۈرۈشى توغرا ئەمەس، بۇلار ئىغۋاگەرچىلىكتۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر