ئەردوغان: رۇسىيە ھەم يىغىنغا قاتناشماقتا ھەم سۈرىيەدە كىشىلەرنى ئۆلتۈرمەكتە

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جەنۋەدە چاقىرىلغان سۈرىيە يىغىنلىرىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغا كېچىكتۈرۈلۈشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

427290
ئەردوغان: رۇسىيە ھەم يىغىنغا قاتناشماقتا ھەم سۈرىيەدە كىشىلەرنى ئۆلتۈرمەكتە
erdoğan peru.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جەنۋەدە چاقىرىلغان سۈرىيە يىغىنلىرىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغا كېچىكتۈرۈلۈشىگە «دۇنيانىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىش ئۈچۈن توپلىنىۋاتامسىلەر؟ دۇنيا سىلەردىن نەتىجە كۈتمەكتە» دەپ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى ۋە جەنۋە يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان توغرىسىدا توختىلىپ، «ئۇ يەرگە بېرىشى كېرەك بولغانلار چاقىرىلماي، بارماسلىقى كېرەك بولغانلار چاقىرىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جەنۇبىي ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى پېرۇدىكى سان ئىگناكو دې لويولا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ‹دېموكراتىيە قوشقان تۆھپىسى› يۈزىسىدىن پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا لايىق كۆرۈلگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئۇ يەردىكى مۇراسىمدا قىلغان سۆزى ئەسناسىدا جەنۋە يىغىنى توغرىسىدا توختالدى. مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا چاقىرىلىدىغان يىغىنلاردىنمۇ ئۈمىدۋار ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، يىغىنغا ئالاقىسى بار – يوق بارلىق كىشىلەرنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، يېپىق يەرلەردە پەرقلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيەنىڭ بىر تەرەپتە جەنۋەدىكى يىغىنغا ۋەكىل ئەۋەتىپ، ئىككىنچى تەرەپتە سۈرىيەدە كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەردوغان تۈركىيە – پېرۇ ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىدا، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى گۈللىنىش مۆلچەرلىرىنى تەنقىد قىلدى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچەرلىرىنىڭ يەنە توغرا چىقمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن ئەردوغان، تۈركىيە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يەنە ئۇ مۆلچەرلەردىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى قەيت قىلدى. سۆزى ئەسناسىدا تۈركىيەنىڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىغا تۆلەيدىغان قەرزلىرىنىڭ تۈگىگەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ قەرز بەرگەن دۆلەتلەرگە تۇتىدىغان پوزىتسىيەسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، قەرز بەرگەن ئەللەرنى سىياسىي جەھەتتىن باشقۇرۇشقا ئۇرۇنۇشنىڭ قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى، بۇ قاراشنى باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە تەشكىلاتقا يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.

تۈركىيە – پېرۇ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالغان ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ پېرۇغا مۇھىم بىر سودا بازىسى، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، سودا – سانائەتچىلەرنى مەبلەغ سېلىشقا چاقىردى ۋە ئەركىن سودا كېلىشىمى مۇزاكىرىلىرىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاخىرلاشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پېرۇدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جەنۇبىي ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ ئۈچىنچى بېكىتى بولغان ئېكۋاتورغا ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر