كىشىلىك ھوقۇق ۋە باراۋەرلىك ئورگىنى قۇرۇلىدۇ

تۈركىيە كىشىلىك ھوقۇق ۋە باراۋەرلىك ئورگىنى قۇرۇلىدۇ.

425589
كىشىلىك ھوقۇق ۋە باراۋەرلىك ئورگىنى قۇرۇلىدۇ
10-11/Files/UploadedImages/7276454387tbmm.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە سۇنۇلغان لايىھەگە ئاساسەن تۈركىيە كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئورنىغا كىشىلىك ھوقۇق ۋە باراۋەرلىك ئورگىنى قۇرۇلىدۇ.

تۈركىيە كىشىلىك ھوقۇق ۋە باراۋەرلىك ئورگىنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، ئايرىمچىلىق ۋە ناچار مۇئامىلىلەرگە قارشى كۈرەش قىلىدۇ، شىكايەتلەرگە ئاساسەن تەكلىپلەرنى سۇنىدۇ، دۆلەت ئورۇنلىرىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، قارارلىرىنى كۆزىتىدۇ ۋە خەلقئارالىق پائالىيەتلەرلەرنى ئېلىپ بارىدۇ، تەن جازالىرىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە تۈرمىلەر، جازا لاگېرلىرى، ساناتورىيەلەر قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.

ئورگانغا ئىلتىماس سۇنۇش ۋىلايەتلەردە ۋالىي مەھكىمىلىرىنىڭ، ناھىيەلەردە قايماقاملىقلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

ئايرىمچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغۇچى شەخسلەر، ئورۇنلار ۋە تەشكىلاتلارغا مىڭ لىرادىن 15 مىڭ لىراغىچە پۇل جازاسى بېرىلىدۇ.

ئورگان 11 ئەزادىن تەشكىل تاپىدىغان بولۇپ، 8 ئەزا مىنىستىرلار كېڭىشى تەرىپىدىن، 3 ئەزا جۇمھۇر رەئىس تەرىپىدىن تەيىنلىنىدۇ، ئورگان ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 4 يىل بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر