ئەردوغان تېررورلۇق مەسىلىسىدە خەلقئارانى ئەيىبلىدى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېررورلۇققا قارشى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن خەلقئارا جەمئىيەتلەرنى تەنقىد قىلدى.

424409
ئەردوغان تېررورلۇق مەسىلىسىدە خەلقئارانى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قەيسەرىدە سودا – سانائەتچىلەر بىرلىكىنىڭ 120 – يىللىق شەرەپ يىلى پىروگراممىسى پائالىيىتىگە قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە، ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشلىرى ئۈستىدە توختالدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىدى، ئەمما تېررورلۇق تەشكىلاتىغا نىسبەتەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇ: «تېررورلۇققا قارشى پىرىنسىپچانلىق بىلەن مەيدانىڭلارنى نامايەن قىلمىساڭلار، بىر كۈنى كېلىپ سىلەرنىمۇ زەھەرلەيدۇ» دېدى.

ئۇ: «پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ‹تېررورلۇق تەشكىلاتى› دېسەڭ، مەيدانىڭنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قوي. تۈركىيەنىڭ كۈرىشىنى تەقدىرلىمىگەنلەرنىڭ، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھېچقانداق ئەخلاقىي ۋە ئىنسانىي ئۆلچىمىگە چۈشمىگەن پائالىيەتلىرى قارشىسىدا ئاۋاز چىقارماسلىقى، ھەتتا ئۇنى قوللاش ماھىيىتىدىكى مۇئامىلىلىرى بىزنى چوڭقۇر قايغۇغا سالماقتا» دېدى. ئۇ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«بەدەل تۆلەش كېرەك بولسا، بەدەل تۆلەيمىز.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە باشقىلارنى يالغۇز تاشلاپ قويغانلارنىڭ، بىر كۈنى ئوخشاش مەسىلىگە دۇچار بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «بۇ مەسىلە، دۆلەت، مىللەت بولۇش سۈپىتىدە بىزنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش مەسىلىمىزدۇر» دېدى. ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەۋسۇملۇق نەتىجىسى بېرىلگەن كۈنى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ دىيارباكىردىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ باغچىسىغا قول بومبىسى ئاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئۇ خىتابنامىگە ئىمزا قويغان ئاكادېمىكلارنىمۇ تەنقىد قىلدى. ئۇ خەلق بىلەن بىرلىكتە تېررورلۇقنىڭ ئاكادېمىك قوللىغۇچىلىرىغا قەتئىي پۇرسەت يارىتىپ بەرمەيدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر