رۇسىيە زادى نېمە قىلماقچى؟

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن،،رۇسىيەنىڭ كامىشلىغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرغانلىقى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

424173
رۇسىيە زادى نېمە قىلماقچى؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيەنىڭ كامىشلى رايونىغا رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئورۇنلاشقانلىقى توغرىسىدىكى مەسىلىلەرنى جو بايدىن بىلەن مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئەتە (23 – يانۋار، جۈمە) تۈركىيەگە رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن يېتىپ كېلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ تۈركىيەنىڭ رايوندىكى سەزگۈر مۇئامىلىلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «بىز ھەردائىم بىرلەشمە قىسىمغا مۇنداق دەپ كەلدۇق: پ ك ك، پ ي د، ي پ گ ۋە دائېش، بۇلارنىڭ ھېچبىرى بىر – بىرىدىن پەرقى يوق، بۇلارغا قارشى پوزىتسىيەمىز ئوخشاش.»

مۇئاۋىن باش مىنىستىر تۇغرۇل تۈركەشمۇ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دە، كامىشلىدا بەششار ئەسەد ئەسكەرلىرى بىلەن رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى توغرىسىدا توختالغان ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتە: «كامىشلىدىكى ھەربىي قىسىملارنىڭ سانى قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ناتو ئەزاسى بولغان تۈركىيەگە قارشى تەھدىت بولالمايدۇ» دېگەن ئىدى.

مائارىپ مىنىستىرى نابى ئاۋجى سۈرىيەنىڭ تۈركىيە چېگراسىغا يېقىن بولغان كامىشلى رايونىغا رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى خەۋىرى ئوتتورىغا چىققاندىن كېيىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن مەلۇمات ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كونتروللۇقىدا بولغان جايلاردا بەششار ئەسەد ئەسكەرلىرى بىلەن رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى راست. كامىشلىدا بەششار ئەسەد ئەسكەرلىرى بىلەن مەلۇم ساندا رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بارلىقىمۇ راست. ئۇ يەردە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئەسكەرلىرى، رۇسىيە ئەسكەرلىرى ۋە پ ي د ئەزالىرى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدۇ. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇشۇنداق مەلۇمات بەردى» دېدى.

رۇسىيەنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى بولغان پ ي د نىڭ كونتروللۇقىدا تۇرۇۋاتقان كامىشلىدا بىر ھەربىي بازا قۇرىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

تۈركىيە خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ھەربىي تېخنىكا خادىملىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر رۇسىيە ھەيئىتى، 16 – يانۋار كامىشلىغا يېتىپ كېلىپ، ھەم ئايرودۇرۇمدا ھەمدە ئايرودۇرۇمغا يېقىن جايلاردا كەڭ دائىرىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

ئامېرىكا فوكس نىيۇس (Fox News) تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا مەسئۇللىرىمۇ، موسكۋا ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيەنىڭ تۈركىيە چېگراسىغا يېقىن جايدا يېڭى ھەربىي بازا قۇرۇش تەييارلىقىدا بولۇۋاتقانلىقىنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر