ئەردوغان كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 10 – دېكابىر كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس تېلېگرامما تارقاتتى.

143384
ئەردوغان كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 10 – دېكابىر كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقىتىپ، «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر زۇلۇمغا، ناھەقچىلىككە ۋە قانۇنسىزلىققا قارشى تۇرۇشنى، ئېزىلگۈچىلەرنىڭ ساداسى، ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان تېلېگراممىدا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئېلان قىلىنغىنىغا 66 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ دۇنيانىڭ ئوخشاش بولمىغان يەرلىرىدە ئەڭ ئادەتتىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭمۇ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «ئەپسۇسكى، زۇلۇم جازاسىز قالماقتا، زۇلۇم قىلىنغۇچىلار ۋە زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ نالە – پەريادلىرىغا قۇلاق سالىدىغانلار يوق» دېدى.

ئەردوغان تېلېگراممىسىدا، «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولسا بولسۇن، زۇلۇمغا، ناھەقچىلىككە ۋە قانۇنسىزلىققا قارشى تۇرۇشنى، ئېزىلگۈچىلەرنىڭ ساداسى، ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بىزنى سۈكۈت قىلدۇرۇشقا تىرىشقۇچىلارغا، بىزگە قارشى سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى باشلىغۇچىلارغا پەرۋا قىلماستىن، دۇنيادىكى ئادالەتسىزلىكلەرنى يۈرەكلىك ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن ئاجراتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر