مۇغىرىنى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ تۈركىيەگە ئېھتىياجى بار
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا مۇغىرىنى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېڭىيىشىگە مەسئۇل ئەزاسى جۇھاننېس ھان ۋە ئىنساپەرۋەر ياردەم ئىشلىرى مەسئۇلى خىرىستوس سىتىلىئاندىس يەكشەنبە كۈنى تۈركىيە زىيارىتىنى باشلايدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 3 نەپەر مۇھىم رەھبىرى ئەنقەرە كېلىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا مۇغىرىنى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېڭىيىشىگە مەسئۇل ئەزاسى جۇھاننېس ھان ۋە ئىنساپەرۋەر ياردەم ئىشلىرى مەسئۇلى خىرىستوس سىتىلىئاندىس يەكشەنبە كۈنى تۈركىيە زىيارىتىنى باشلايدۇ.
بۇ مۇھىم زىيارەتتىن ئىلگىرى ت ر ت گە مەخسۇس بايانات بەرگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتىگە مەسئۇل ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا مۇغىرىنى، تۈركىيە خەلقىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مۇغىرىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ تۈركىيەگە ئېھتىياجى بارلىقىنى تەكىتلەپ، تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ ھېچ قاچان ھازىرقىدەك بىر - بىرىگە ئېھتىياجلىق بولۇپ باقمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
تۈركىيەنىڭ سۈرىيە خەلقىگە قۇچاق ئېچىش ئارقىلىق ئىىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئىنتايىن چوڭ رول ئوينىغانلىقىنى قەيت قىلغان مۇغىرىنى، زىيارەت جەريانىدا رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.