ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 3 كېمىسسارى تۈركىيەگە كېلىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەيئىتى، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋولقان بوزقىر ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت جاۋۇشئوغلۇ بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

138587
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 3 كېمىسسارى تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك ئۇچىرىشىشلار ھەرىكەتلىنىپ كەتتى. 
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 3 كېمىسسارى تۈركىيەگە كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا مۇغىرىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ كېڭىيىشىگە مەسئۇل كومىسسارى جۇھاننېس ھاھىن، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ۋە كىرىزىسلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل كومىسسارى چىرىستوس سىتايلىئانىدىس ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەيئىتى، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋولقان بوزقىر ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت جاۋۇشئوغلۇ بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدۇ.
تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋۇلقان بوزقىر كېلەر ھەپتە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئەزالىرى بىلەن يول خەرىتىسى جەھەتتە يېتىپ كېلىنگەن نۇتىقلارنى مۇزاكىرلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مۇغىرىنى ۋە سىتايلېندىس ئاندىن غازىئانتىپتە سۈرىيەلىك مۇساپىرلار تۇرۇشلۇق لاگىرلارنى زىيارەت قىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر