ئى ش ئى د نى بومباردىمان قىلىپ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ئىراق بىلەن سۈرىيەدە ئى ش ئى د نى ھاۋادىن بومباردىمان قىلىش بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى.

150427
ئى ش ئى د نى بومباردىمان قىلىپ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان غازىئانتەپتىكى ئىسلاھىيە چېدىركەنت قونالغۇ نۇقتىلىرىدا تۇرىدىغان سۈرىيەلىكلەرگە خىتاب قىلدى. ئۇ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى (ئى ش ئى د) نىڭ سۈرىيەدە كۈچ توپلىغانلىقىنى، ئىسلامنىڭ بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلماننى ئۆلتۈرۈشىگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ تۈركىيەنىڭ ئۆزىگە قارىتىلغان ھەر تۈرلۈك تەھدىتلەرگە تەييارلىقى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ھېچكىم سۈرىيەدىكى زېمىنىمىز بولغان سۇلايمان شاھ خاتىرە سارىيىغا قارىتا ھەر قانداق بىر تەھدىتكە دەل ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىمىزدىن گۇمان قىلمىسۇن» دېدى. ئۇ غەربنىڭ ئى ش ئى د تەھدىتلىرىدىن قېچىپ تۈركىيەدە پاناھلانغان ئىراق ۋە سۈرىيە پۇقرالىرىغا قاراپ تۇرغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ سۈرىيەدە ئۇرۇش باشلانماستىن بۇرۇن دەمەشىق ھۆكۈمىتىنى سەمىمىي ھالدا ئاگاھلاندۇرغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى ۋە مۇنداق دېدى: « ئوخشاشلا باغداد ھۆكۈمىتىنىمۇ ئاگاھلاندۇردۇق. ناھايىتى ئەپسۇسكى، بەششار ئەسەد بولسۇن، ياكى مالىكى بولسۇن بىزنىڭ سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمىزغا قۇلاق سالمىدى.»
ئۇ ئى ش ئى د غا قارشى كۈرەش توغرىسىدا توختىلىپ: «غەربتىن ئۈچ نەرسە تەلەپ قىلدۇق. بىرىنچىسى، ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون تەسىس قىلىشنى؛ ئىككىنچى، ئۇچۇش چەكلەنگەن رايونغا پاراللېل ھالدا بىخەتەر رايون قۇرۇشنى؛ ئۈچىنچى، سۈرىيە بىلەن ئىراقتىكى مۆتىدىل قاتلامنى تەربىيەلەشنى ۋە قورال بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدۇق» دېدى.
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئى ش ئى د غا قارشى تۇرغاندەك تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك (PKK) غىمۇ قارشى ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر