`تۈركىيە كۆچمەنلىككە تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇر`

تۈركىيەنىڭ سۈرىيە چېگرىسىدا بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش تەلىپى، مۇئاۋىن باش مىنىستىر بۈلەنت ئارىنچ تەرىپىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىندى.

144764
`تۈركىيە كۆچمەنلىككە تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇر`

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ سۈرىيە چېگرىسىدا بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش تەلىپى، مۇئاۋىن باش مىنىستىر بۈلەنت ئارىنچ تەرىپىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىندى.
ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا پىرېزىدېنت ئەشرەف غانىنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلغان ئارىنچ، تۈنۈگۈن تۈركىيە باش ئەلچىخانىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
ئارىنچ، «بىخەتەر رايون ئىسمى بىلەن بولامدۇ ۋەياكى باشقا ئىسىم بىلەن بولامدۇ ئىسمى قانداق بولسا بولسۇن تۈركىيە ئەمدى كۆچمەنلىككە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئېلىشقا مەجبۇر» دېدى.
ئىراق ۋە سۈرىيە قارارنامىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك قاراشلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئارىنچ، «ھەر ئىككى قارارنامىنىڭ نىشانى، تۈركىيەنىڭ ئۆز بىخەتەرلىكىنى قوغداش بولۇپ، بۇ قارارنامىلەرنىڭ تەسىرى ۋە ئۈنۈمى ئىلگىرىكىلىرىدىنمۇ ياخشى بولىدۇ» دېدى.
تۈركىيەنىڭ دىنىي، مەزھىبى، ئىرقىي ۋە مىللىتى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر پاناھ تارتىپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى باغرىغا بېسىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان ئارىنچ، «ئەمما بۇ بىز قوبۇل قىلالايدىغان چەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر