چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىرادىسى قەتئىي

دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

132041
چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىرادىسى قەتئىي

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ سېپىگە قېتىلىش ئۈچۈن كەلگەن گۇمانلىق ئۇنسۇرلارنىڭ تۇتۇلۇپ چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى، يېقىنقى 7 ئاي ئىچىدە 3 مىڭ كىشىنىڭ تۈركىيەگە كىرىشى چەكلەنگەنلىكىنى قەيت قىلدى.
چاۋۇشئوغلۇ، تۈرلۈك ئۇچرىشىشلاردا بولۇش ئۈچۈن يېتىپ بارغان بېرلىندە گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فىرانك ۋالتېر سىتېينمىيېر بىلەن كۆرۈشتى.
چاۋۇشئوغلۇ، ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى كۈرەش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ تۈركىيەنىڭ ئۆز ئالدىغىلا ھەل قىلالايدىغان بىر مەسىلە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.
چەتئەللىكلەرنىڭ تۈركىيە چېگرىسىدىن ئۆتۈپ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ سېپىگە قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ۋە ئاخبارات ئالماشتۇرۇشنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ھازىرغىچە 6 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ، بولۇپمۇ يېقىنقى 7 ئاي ئىچىدە 3 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ تۈركىيەگە كىرىش چەكلىمىسى قويۇلغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.
تۈركىيە، ئىيوردانىيە ۋە لىۋاندىكى مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىلىقمۇ توختالغان چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەدىكى مۇساپىرلارنىڭ ھېچقانداق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمىگەنلىكىنى، بىراق بۇ ھەقتە ئىيوردانىيە بىلەن لىۋانغا ياردەم بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.
گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فىرانك ۋالتېر سىتېينمىيېر بولسا، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراققا قورال - ياراغ ۋە ئوق - دورا جەھەتتىن ياردەم بېرىش مەسىلىسى توغرىلىقمۇ توختالغان سىتېينمىيېر، بۇ قارارنى ئەتراپلىق ئويلىنىش نەتىجىسىدە ئالغانلىقلىرىنى، چۈنكى قورال - ياراغلارنىڭ يامان نىيەتلىك ئۇنسۇرلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.
سىتېينمىيېر، قارارنىڭ خاتا ئانالىز قىلىنماسلىقى لازىملىقىنى، نىشانلىرىنىڭ، مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ئىراق ھۆكۈمىتىگە ياردەم بېرىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر