ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا كۆپلىگەن دۆلەتلەر قاتنىشىدۇ
خەلق تەرىپىدىن جۇمھۇر رەئىسلىككە سايلانغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ سانى 75 كە يەتتى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلق تەرىپىدىن جۇمھۇر رەئىسلىككە سايلانغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ سانى 75 كە يەتتى.
باش مىنىستىرلىك مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيەنىڭ 12 - جۇمھۇر رەئىسلىكىگە سايلانغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئونلارچە ۋەكىل كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھازىرغىچە مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 67 گە، خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ سانى بولسا 8 گە يەتتى.
مۇراسىمغا؛ 19 دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقى ۋە دۆلەت رەئىسى، 4 پارلامېنت باشلىقى، 14 دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرى، باشقا دۆلەتلەر بولسا مىنىستىر سەۋىيەسىدە ئىشتىراك قىلىدۇ.
مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلىدىغانلار ئارىسىدا ئەرمېنىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېدۋارد نالبانادياننىڭمۇ بولۇشى دىققەت قوزغىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1719106152)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.