داۋۇتئوغلۇ ئىراقنىڭ سابىق پارلامېنت باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، ئىراقنىڭ سابىق پارلامېنت باشلىقى ئۇسامە ئەننۇجەيفى بىلەن كۆرۈشتى

92050
 داۋۇتئوغلۇ ئىراقنىڭ سابىق پارلامېنت باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، ئىراقنىڭ سابىق پارلامېنت باشلىقى ئۇسامە ئەننۇجەيفى بىلەن كۆرۈشتى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتا، ئىراقتىكى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
يەنە بىر تەرەپتىن، داۋۇتئوغلۇ، سىنجار تېغىدىكى تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋەقەسىدە يارىلانغان ۋە داۋالاش ئىشلىرى ئىستانبۇلدا داۋاملىشىۋاتقان يەزىدى پارلامېنت ئەزاسى ۋىيان داھىلىدىن ھال سورىدى.
داۋۇتئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋىيان داھىلى بىلەن تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
داۋۇتئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ ناھايىتى روشەن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئادالەت مەسىلىسىدە ئېتنىك مىللىتى ۋە مەزھىبى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ياردەم قولىمىزنى سۇنىمىز، جۈملىدىن يېزىدىلەرنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش مەسىلىسىدىمۇ ھەر تۈرلۈك ياردەمگە تەييارمىز» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر