لىۋىيەدىكى تۈركلەرگە كۈچلۈك تەۋسىيە...

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، يامانلىشىپ بېرىۋاتقان لىۋىيە ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھېلىھەم لىۋىيەدە تۇرۇۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ دۆلەتتىن چىقىپ كېتىشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلدى.

68901
لىۋىيەدىكى تۈركلەرگە كۈچلۈك تەۋسىيە...

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، يامانلىشىپ بېرىۋاتقان لىۋىيە ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھېلىھەم لىۋىيەدە تۇرۇۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ دۆلەتتىن چىقىپ كېتىشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلدى.
مىنىستىرلىق تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتقا ئاساسلانغاندا، لىۋىيەدىكى تۈركلەرنىڭ تاش يول ئارقىلىق تۇنىسقا بېرىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇشتىن پايدىلانماقچى بولسا، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 3 كىچە تىرابلۇس ئەلچىخانىمىزنىڭ
+218 21 340 11 41/42/43
تېلېفونلىرىغا بىۋاسىتە تېلېفون ئېلىپ ئىلتىماس قىلىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلدى. «پۇقرالىرىمىزنىڭ تۇنىستىن تۈركىيەگە قايتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈنمۇ كېرەكلىك ئىشلار ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ» دېيىلگەن باياناتتا، پۇقرالارنىڭ قىلىنغۇسى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئۇقتۇرۇشلارنى يېقىندىن تەقىپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ، قانداقلا بولمىسۇن خۇسۇسىي بىخەتەرلىكلىرىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بارلىق چارە – تەدبىرلەرنى ئېلىشىنىڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر