تۈركىيە - كارائىب دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە - كارائىب ئىتتىپاقى مەسلىھەت كېڭىشى ۋە ھەمكارلىق مىخانىزىمنىڭ تۇنجى قېتىملىق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى دەرىجىلىك يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى

63107
تۈركىيە - كارائىب دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە - كارائىب ئىتتىپاقى مەسلىھەت كېڭىشى ۋە ھەمكارلىق مىخانىزىمنىڭ تۇنجى قېتىملىق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى دەرىجىلىك يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا داۋۇتئوغلۇ ساھىبخانىلىق قىلدى.
يامايكا، باربادوس ۋە بېلىزېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 كارائىب دۆلىتى ئىشتىراك قىلغان يىغىن ئاخبارات ۋاستىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
يىغىندا، ئەزا دۆلەتلەر ئارا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك قارارلارنىڭ ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
يىغىندىن كېيىن مېھمان ھەيئەتلەرنىڭ شەرىپىگە زىياپەت بېرىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر