تۈركىيە، غەززەنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۈزەتمەكتە

تۈركىيە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرىدىن كېيىن رايوندىكى ئۆزگىرىشلەرنى سەزگۈرلۈك بىلەن تەقىپ قىلماقتا.

132544
تۈركىيە، غەززەنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۈزەتمەكتە

تۈركىيە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرىدىن كېيىن رايوندىكى ئۆزگىرىشلەرنى سەزگۈرلۈك بىلەن تەقىپ قىلماقتا.
پەلەستىن ئۈچۈن قويۇق دىپلوماتىيىسىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس، ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل ئەمەلدارى خالىد مەشئەل ۋە ئامېرىكا، ئىران، گېرمانىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنىدى. داۋۇتئوغلۇ تۈنۈگۈن يەنە ئىتالىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فېدېرىكا موگېرىنى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرىدىن كېيىنكى رايوندىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار مۇھاكىمە قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر