ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ جون كېررىي بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ئىراق ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك تېلېفون دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
117124
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى تېلېفون سۆھبىتىدە ئىراقتىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە ھۆكۈمەت قۇرۇش ئىشلىرى ئۈستىدە ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ يەنە، ئىراقنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ۋە ۋاتانىييە پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئىياد ئاللاۋىنى ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.