تۈركىيە قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئىراقلىقلارنى ئۇنتۇپ قالمىدى

تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى بىتەرەپ قىلىش ئىدارىسى (ئافاد) ئىراقتا باش كۆتۈرگەن ئىنسانىي كىرىزىس سەۋەبىدىن رايونغا ياردەم يوللاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

102789
تۈركىيە قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئىراقلىقلارنى ئۇنتۇپ قالمىدى

تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى بىتەرەپ قىلىش ئىدارىسى (ئافاد) ئىراقتا باش كۆتۈرگەن ئىنسانىي كىرىزىس سەۋەبىدىن رايونغا ياردەم يوللاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى بىتەرەپ قىلىش ئىدارىسى، رايونغىچە ھازىرغىچە جەمئىي 41 مىڭ كىشىلىك يىمەك – ئىچمەك، 110 مىڭ ئەدىيال، 1920 كارىۋات، 2 مىڭ يۈرۈش ئاشخانا لازىمەتلىكلىرى، 12500 كىشىلىك چېدىر ۋە 217 مىڭ 982 قۇتا دورا يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى بىتەرەپ قىلىش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىراقنىڭ سىنجار رايونىغا قىلىنغان ياردەملەردىن كېيىن كەركۈكتىكى مۇھتاج كىشىلەرگىمۇ ئىنسانپەرۋەر ياردەملەرنى يوللاشنىڭ باشلىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
بۇنىڭدىن باشقا تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى بىتەرەپ قىلىش ئىدارىسى ۋە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ رىياسەتچىلىكى ئاستىدا قىزىل ئاي جەمئىيىتى تەرىپىدىن 17 دانە كۆپ خىل قوللىنىشقا بولىدىغان چېدىر، 10848 بوتولكا 1 يېرىم لىتېرلىق سۇ ۋە 906 مىڭ 924 قاپ پىچىنە – پىرەنىكنىڭ رايونغا يەتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، ئەھۋالغا قاراپ تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى بىتەرەپ قىلىش ئىدارىسىنىڭ ياردەم قىلىش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر