داۋۇتئوغلۇ: تۈركىيە ياۋروپانىڭ سىياسىي مۇقىملىقىغا ھەسسە قوشىدۇ

64674
داۋۇتئوغلۇ: تۈركىيە ياۋروپانىڭ سىياسىي مۇقىملىقىغا ھەسسە قوشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق مۇزاكىرىلىرىنىڭ سىياسىي توسالغۇلارغا ئۇچرىماسلىقى لازىملىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
داۋۇتئوغلۇ، 9 - ماي ياۋروپا كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.
داۋۇتئوغلۇ باياناتىدا، ياۋروپادا ئىقتىسادىي ۋە پۇل - مۇئامىلە كىرىزىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان چەتئەل دۈشمەنلىكى بىلەن ئىرقچىلىق ھەرىكەتلىرى توغرۇلۇق توختالدى.
داۋۇتئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق مۇزاكىرىلىرىنىڭ سىياسىي توسالغۇلارغا ئۇچرىماستىن، تېخنىكىلىق بىر باسقۇچ سۈپىتىدە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ۋە تاماملىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
داۋۇتئوغلۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ۋىزا دىئالوگى تاماملانغان تەقدىردە، خەلقلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە، ئاكتىپ دىپلوماتىيە سىياسىتى ئارقىلىق ياۋروپانىڭ سىياسىي مۇقىملىقى ۋە كۈچلۈك يەر شارى خاراكتېرلىك بىر كۈچكە ئايلىنىشىغا ھەسسە قوشالايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بېشىدا كېلىدۇ.»تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق مۇزاكىرىلىرىنىڭ سىياسىي توسالغۇلارغا ئۇچرىماسلىقى لازىملىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
داۋۇتئوغلۇ، 9 - ماي ياۋروپا كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.
داۋۇتئوغلۇ باياناتىدا، ياۋروپادا ئىقتىسادىي ۋە پۇل - مۇئامىلە كىرىزىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان چەتئەل دۈشمەنلىكى بىلەن ئىرقچىلىق ھەرىكەتلىرى توغرۇلۇق توختالدى.
داۋۇتئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق مۇزاكىرىلىرىنىڭ سىياسىي توسالغۇلارغا ئۇچرىماستىن، تېخنىكىلىق بىر باسقۇچ سۈپىتىدە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ۋە تاماملىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
داۋۇتئوغلۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ۋىزا دىئالوگى تاماملانغان تەقدىردە، خەلقلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە، ئاكتىپ دىپلوماتىيە سىياسىتى ئارقىلىق ياۋروپانىڭ سىياسىي مۇقىملىقى ۋە كۈچلۈك يەر شارى خاراكتېرلىك بىر كۈچكە ئايلىنىشىغا ھەسسە قوشالايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بېشىدا كېلىدۇ.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر