ھۆسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھيان ئىران - ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۆسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھيان ئىران بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ «توغرا يولدا» ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ كارىدورلارنى ئېچىش توغرىسىدا «ياخشى كېلىشىم» تۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.

2073139
ھۆسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھيان ئىران - ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «IRNA» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھيان بىلەن ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيخۇن بايراموۋ، موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن، ئەزەربەيجان، ئىران، قازاقىستان، رۇسىيە ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق ھازار دېڭىزى دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى دائىرىسىدە كۆرۈشكەن.

ئۇچرىشىشتا، ئەزەربەيجان بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ «توغرا يولدا» ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئابدۇللاھيان، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا، ھەرقايسى ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش ئۈچۈن مۇھىم قەدەملەرنى تاشلىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن.

ئەزەربەيجان بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا كارىدورلارنى ئېچىش، سودا ھەمكارلىقى ۋە يېرىم قالغان لايىھەلەر توغرىسىدا ياخشى كېلىشىملەرنىڭ ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئابدۇللاھيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىسادىي، مەدەنىي، سىياسىي، بىخەتەرلىك ۋە ساياھەت ساھەلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر