ئىلھام ئەلىيېۋ ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدىكى نۇتۇقى ئۈچۈن رەخمەت ئېيتتى.

2039723
ئىلھام ئەلىيېۋ ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئىلھام ئەلىيېۋ <X> ھېساباتىدىكى يازمىسىدا تۆۋەندىكىلەرنى تىلغا ئالدى:

«ئەزىز قېرىندىشىم، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدىكى نۇتۇقىڭىزدا ئەزەربەيجاننى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكىڭىز ئۈچۈن رەخمەت ئېيتىمەن. ھەر دائىمقىغا ئوخشاشلا  قېرىنداش تۈركىيە بۈگۈنمۇ ئەزەربەيجاننىڭ يېنىدادۇر ۋە بىزنىڭ ھەققانىي دەۋالىرىمىزنى قوللىماقتىدۇر.

ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە ياخشى كۈنلەردىمۇ، ھەم قايغۇلۇق چاغلاردىمۇ ھەر دائىم بىرلىكتەدۇر. خەلقئارالىق ئورگانلاردا ھەر دائىم بىر-بىرىمىزنىڭ ھەققانى پوزىتسىيەرلىرىمىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلىمەكتىمىز. شۇشا خىتابنامىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىز ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى.

سىزمۇ ۋە مەنمۇ قېرىنداشلىقىمىزنىڭ سىمۋولى بولغان ئەزەربەيجاننىڭ مىللىي رەھبىرى ھەيدەر ئەلىيېۋنىڭ  <بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت> دېگەن سۆزنى ھەر ۋاقىت ئەستە تۇتۇپ، ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى تەۋرەنمەس ئىتتىپاقلىقنى يېڭى پەللىلەرگە كۆتۈرىمىز»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈن ئامېرىكانىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى ب د ت 78-نۆۋەتلىك ئومۇمىي  كېڭىشىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، «ئەمدىلىكتە ھەممەيلەن قوبۇل قىلغىنىدەك، قاراباغ ئەزەربەيجان زېمىنىدۇر. بۇنىڭدىن تاشقىرى بىر سالاھىيەتنىڭ تېڭىشىلىشىنى ھەرگىز قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. ئەرمەنلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممەيلەننىڭ  ئەزەربەيجان زېمىنىدا تىنچلىق ئىچىدە بىللە ياشىشى  ئالدىنقى نىشانىمىز بولىشى كېرەك. <بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت> شۇئارى بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن تاشلىغان قەدەملىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر