ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىغا ئوق چىقاردى

ئەرمېنىيە قىسىملىرى نەخچىۋاندىكى ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى.

2036223
ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىغا ئوق چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەرمېنىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ نەخچىۋاندىكى ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىغا قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «9-ئاينىڭ 12-كۈنى، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 09.45 دىن 10.00 غىچە ئەرمېنىيە قوراللىق قىسىملىرى ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ نەخچىۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ساداراك ناھىيەسىنىڭ  سادەراك ئولتۇراق رايونىدىكى ھەربىي نۇقتىلىرىغا كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلدى. ۋەقەدىن كېيىن ئەزەربەيجان ئارمىيەسى مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر