جۇمھۇر رەئىس تاتار پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋغا رەھمەت ئېيتتى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدىكى باياناتلىرى ۋە ئۇنى قۇللاپ قىلغان سۆزلىرىگە رەھمەت ئېيتتى.

2034900
جۇمھۇر رەئىس تاتار پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋغا رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىبرى تۈرك ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئەلىيېۋگە رەھمەت ئېيتقان.

تاتار باياناتىدا: «شەرقىي ئاق دېڭىزدىكى <بىر مىللەت، ئۈچ دۆلەت> چۈشەنچىسىگە ئىگە دۆلەت — شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، بۇ چۈشەنچىنى تۇتقا قىلغان ھالدا مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئەزەربەيجان بىلەن ئوتتۇرىمىزدىكى دىل رىشتىمىزنىڭ، قىممەت قاراشلارنىڭ ۋە بىر مىللەتنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى سۈپىتىدە مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ كۈچىيىشى ئەڭ چوڭ ئارزۇيىمىزدۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەرگەن.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى يىغىنىدا ۋە دۆلەت مىقياسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەردە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بايرىقىنىڭ لەپىلدەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزىدىن خۇشال بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان تاتار، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ داۋاملىشىشىنى تىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر