ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى

ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ باياناتىدا، پايتەخت باكۇنىڭ شەرقىگە 190 كىلومىتىر كېلىدىغان كۈردەمىر ۋىلايىتىدە 5.2 بال يەر تەۋرىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

2032568
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: باياناتتا، يەر يۈزىدىن 52 كىلومىتىر چوڭقۇرلۇقتا خاتىرىلەنگەن يەر تەۋرەشنىڭ ئەتراپتىكى ۋىلايەتلەردىمۇ ھېس قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئەزەربەيجان جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، يەر تەۋرەشكە مۇناسىۋەتلىك ئادەم ئۆلۈش ياكى ماددى زىيان كۆرۈلگەن -كۆرۈلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلمىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر