ئەزەربەيجاندا «2024 – يىللىق كاۋكاز بۈركۈتى» ناملىق ھەربىي مانېۋىر داۋاملاشماقتا

ئەزەربەيجاندا تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيە ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ  «2024 – يىللىق كاۋكاز بۈركۈتى» ناملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى داۋاملاشماقتا.

2150179
ئەزەربەيجاندا «2024 – يىللىق كاۋكاز بۈركۈتى» ناملىق ھەربىي مانېۋىر داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، 4-ئىيۇن باشلانغان «2024 – يىللىق كاۋكاز بۈركۈتى» ناملىق ھەربىي مانېۋىر داۋامىدا، قىسىملار دۈشمەنگە سىمۋول قىلىنغان نىشانلارغا تۇيۇقسىز زەربە بەرگەن، دۈشمەننىڭ قوماندانلىق مەركىزى ۋە ئۇچۇر - ئالاقە ۋاسىتىلىرى ۋەيران قىلىنغان، دۈشمەن ئەسكەرلەر بىر تەرەپ قىلىنغان.

ئالاھىدە قىسىم ئەسكەرلىرى بارلىق ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر