ئەرمىنىيە قىسىملىرى ئەزەربەيجان ھەربىي پونكىتلىرىغا مىناميوت ئاتتى

ئەرمىنىيە قىسىملىرى ئەزەربەيجان ھەربىي پونكىتلىرىغا مىناميوت بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

2032316
ئەرمىنىيە قىسىملىرى ئەزەربەيجان ھەربىي پونكىتلىرىغا مىناميوت ئاتتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ باسارگەچەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق زود ئولتۇراق رايونى يۆنىلىشىدىكى بازىلىرىدىن ئەزەربەيجاننىڭ ھەربىي پونكىتلىرىغا 60 ۋە 82 مىللىمېتىرلىق مىناميوت ئوقى ئېتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭمۇ بەلگىلەنگەن يۆنىلىشتە جاۋاب قايتۇرغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ يەنە بىر باياناتىدا، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ كۆچمە كونترول پونكىتىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ پونكىتنىڭ ئوخشىمىغان يۆنىلىشتىكى ئەزەربەيجان نۇقتىلىرىنى رازۋېدكا قىلىش ۋە ھۇجۇم قىلىىش ئۈچۈن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى باشقۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئەرمېنىيە ئارمىيەسى ئۈلۈشكۈنمۇ (1 -سىنتەبىردە) چېگرادىكى ئەزەربەيجان نۇقتىلىرىغا قارىتىپ ئوق چىقىرىپ، ئۈچ ئەزەربەيجان ئەسكىرىنى يارىدار قىلغان ۋە ئەزەربەيجان ئارمىيەسىمۇ تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرغان ئىدى.  

ئەرمېنىيە مەتبۇئاتلىرىدا، توقۇنۇشتا 4 ئەرمېنىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر