ئەرمېنىيە چېگرادىكى ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى

ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ چېگرادىكى ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىغا كامىكازې (ھۇجۇمچى) ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن قىلغان ھۇجۇمىدا، ئىككى ئەزەربەيجان ئەسكىرى يارىلاندى.

2031850
ئەرمېنىيە چېگرادىكى ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەرمېنىيە قىسىملىرى باسارگەچەر ۋىلايىتىنىڭ زود رايونى يۆنىلىشىدىكى ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىغا كامىكازې ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلغان.

ھۇجۇمدا، ئىككى ئەزەربەيجان ئەسكىرى يارىلانغان، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىمۇ ئەرمېنىيە قىسىملىرىغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر