ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە سۆھبەتلىرىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى

ئەزەربەيجان ئەرمېنىيە بىلەن «تىنچلىق ۋە دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئىككى تەرەپلىك كېلىشىمى» لايىھەسىنىڭ بەزى ماددىلىرىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ۋە سۆھبەتلەردە ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2005548
ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە سۆھبەتلىرىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ ساھىبخانلىقىدا ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ ۋە ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارارات مىرزويان باشچىلىقىدىكى ئىككى دۆلەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 27- ئىيۇندىن 29-  ئىيۇنغىچە بولغان جەريانىدا ئامېرىكادا ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «مىنىستىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى <تىنچلىق ۋە دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش توغرىسىدىكى ئىككى تەرەپلىك كېلىشىم> لايىھەسى ئۈستىدىكى سۆھبەتتە قوشۇمچە ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. كېلىشىم لايىھەسىنىڭ قوشۇمچە ماددىلىرىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى ۋە لايىھە تېكىستىگە قارىتا ئۆزئارا چۈشىنىشكە قاراپ قەدەم تاشلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر قىسىم مۇھىم مەسىلىلەردە قوشۇمچە خىزمەتلەرنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكى قەيت قىلىندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

بايراموۋ بىلەن مىرزويان 1- مارتتىن 4- مارتقىچە بولغان جەرياندىمۇ ئانتونى بلىنكېننىڭ ساھىبخانلىقىدا ئامېرىكادا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، كېلىشىم لايىھەسىنىڭ بەزى ماددىلىرىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر